يوپۇرغا ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى Yopurgha nahiyisi)
يوپۇرغا ناھىيىسى

岳普湖县.Yopurgha County

يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
بازارلىق سانى 1 دانە
يېزا سانى 9 دانە
نوپۇس (2017-يىل) 177،955 [1]
يەر مەيدانى 11022.53 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

يوپۇرغا ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. يوپۇرغا ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىغا، گەز دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى يەكەن ناھىيىسى بىلەن، غەرب ۋە غەربىي جەنۇب تەرىپى يېڭىسار ناھىيىسى، يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى پەيزاۋات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان، ئۇزۇنلۇقى 93 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 56 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 2688.3 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر بازار، 8 يېزا، 86 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ بىر تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1545 كىلومېتىر.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيىسى قارمىقىدا 4 بازارلىق ۋە 5 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 يوپۇرغا بازىرى Yopurgha Baziri Yopurgha Town 岳普湖镇 7 22 52.57
2 يەكشەنبەبازار بازىرى Yekshenbebazar Baziri Yekshenbebazar Town 也克先巴扎镇 13 19 ؟
3 ئەشمە بازىرى Eshme Baziri Eshme Town 艾西曼镇 9 15 ؟
4 تېرىم بازىرى Terim Baziri Terim Town 铁热木镇 13 19 1323
5 يوپۇرغا يېزىسى Yopurgha Yézisi Yopurgha Town 岳普湖乡 8 13.5 365.35
6 سىيەك يېزىسى Siyek Yézisi Siyek Town 色也克乡 14 18 2225.2
7 ئاچچىق يېزىسى Achchiq Yézisi Achchiq Town 阿其克乡 15 22 247.17
8 بايئاۋات يېزىسى Bayawat Yézisi Bayawat Town 巴依阿瓦提乡 8 10.5 952
9 ئاخۇنلۇقۇم يېزىسى Axunluqum Yézisi Axunluqum Town 阿洪鲁库木乡 4 2.5 281

ئىزاھات:

  • 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى يەكشەنبەبازار يېزىسى يەكشەنبەبازار بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
  • 2014-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى تېرىم يېزىسى تېرىم بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

يەر تۈزۈلۈشى[تەھرىرلەش]

غەرب تەرىپى ئېگىز، شەرق تەرىپى پەس، تۈزلەڭلىك 86.7% نى، قۇملۇق 13.3% نى ئىگىلەيدۇ. يەر سۇغىرىشتا ئاساسلىقى گەز دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن زەرەپشان دەرياسىنىڭ سۈيىگە تايىنىدۇ. يىللىق ئېقىن مىقدارى 420 - 460 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 382 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، تارىم توشقىنى قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، توشقان زەدىكى، ئالقات قاتارلىقلار بار.

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

يوپۇرغا ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 23.4℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2800.3 سائەت. 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4359.2℃، قىروسىز مەزگىلى 241 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 47.8 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىلىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2656.9 مىللىمېتىر.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 18 مىڭ 800 گېكتار ( 282 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 9000 گېكتار ( 134 مىڭ 500 مو) ئورمان، 62 مىڭ گېكتار (930 مىڭ مو) ئوتلاق، 53 مىڭ 300 گېكتار (800 مىڭ مو، دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان بۇيەر، 66 مىڭ 700 گېكتار ( 1 مىليون مو) ئورمانچىلىققا باب كېلىدىغان بوزيەر بار.

بايلىقى[تەھرىرلەش]

دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، ئاپىبەدىيان، ئاپتاپپەرەس، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئېشەك ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، كۆمۈر، پاختا چىقىرىش، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

يۇپۇرغىنىڭ ساياھەتچىلىكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كۈندىن كۈنگە تەرەققىي قىلىپ مېڭىۋاتىدۇ، ھەم يۇپۇرغىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ساياھەت ئورنى كۈنسىرى كۈپەيمەكتە. مەن ئۈزۈم بىر يۇپۇرغىلىق سىلەرنى يۇپۇرغا داۋاكۆل مەنزىرە ساياھەت رايونىغا بېرىشقا تەكلىپ بېرىمەن.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-04-18.

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى