ئايدىڭكۆل
ئايدىڭكۆل
Aydingköl | ||||||
|
ئايدىڭكۆل (لاتىن:Aydingköl؛ كرىل: Айдиңкөл؛ خەنسۇچە:艾丁湖، ئوقۇلۇشى: (Àidīng Hú) بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدا، مەمۇرىي جەھەتتىن، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى (سابىق تۇرپان ۋىلايىتى تۇرپان شەھىرى) چاتقال يېزىسى ۋە ئايدىڭكۆل يېزىسىنىڭ سوزۇلغان، چۆلتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە ئورۇن ئالغان تۇزلۇق سۇ كۆلى بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئۆلۈك دېڭىزدىن قالسىلا ئىككىنچى تۆۋەن نۇقتىدۇر. كۆلنىڭ ئاستى دېڭىز يۈزىدىن 154.31 مېتىر تۆۋەندۇر.
جۇغراپىيە
[تەھرىر]ئايدىڭكۆلنىڭ ئېتى ئۇيغۇرچە بولۇپ، كۆلنىڭ قىرغاقلىرىدىكى سۈزۈك ھەم يورۇق ئاي نۇرىغا ئوخشايدىغان ئاپئاق تۇز قەۋىتى بىلەن باغلىقتۇر. ئايدىڭكۆل تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلنىڭ جەنۇبىي چېتى چۆلتاغقا تۇتۇشىدۇ، تارىختا خەنسۇچە مەنبەلەردە 觉洛浣 (juéluòwǎn\چۆلتاغكۆلى) دەپمۇ كەلگەن. كۆل تۇرپان شەھىرىگە 35 كىلومېتر يىراقلىقتىكى بۇ كۆل شەرقتىن غەربكە تەخمىنەن 35 كىلومېتىر، شىمالدىن جەنۇبقا تەخمىنەن 8 كىلومېتىر، ئۇمۇمىي كۆلىمى 245 كۋادرات كىلومېتر كېلىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن 249 مىليون يىل ئىلگىرى ھىمالايا تاغ تىزمىسى شەكىللىنىش جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ 50 مىڭ كۋادرات كىلومېترغا يېقىن ئىچكى قۇرۇقلۇق دېڭىزى ئىدى. ئايدىڭكۆل ئىلگىرى تاغدىن كەلگەن قار سۈيى ۋە يەر ئاستى سۇلىرىدىن تەركىب تاپقان تاتلىق سۇ كۆلى ئىدى. قىشتا، دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ ئازىيىشى بىلەن سۇ ئورنى ئۆرلەيدۇ، يازدا دېھقانچىلىقنىڭ سۇ تەلىپى ۋە تەبىئىي پارلىنىش سەۋەبلىك سۇ ئورنى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەيدۇ. دېھقانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نوپۇسنىڭ ئېشىشى ۋە بۇنىڭغا پاراللېل ھالدا سۇ سەرپىياتىنىڭ ئارتىشى، پارنىك ئېففېكتى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىش يۈزلىنىشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك 1958 - يىلىغا كەلگەندە كۆل كىچىكلەپ 22 كۋادرات كىلومېتىر، سۇ چوڭقۇرلۇقى 0.8 مېتىردىن تۆۋەنلەپ كەتكەن. 2000 - يىلغا كەلگەندە، غەربىي جەنۇبتىكى كىچىك كۆلنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پۈتكۈل كۆل رايونى ئاپئاق تۇزلۇققا ئايلىنىپ قالدى، كۆلدە ھېچقانداق ئۇچار قۇش يوق. ئايدىڭكۆل كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدا، خۇددى ئەينەكتەك جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.
2015 - يىلى 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سائەت 18:00 دىن كېيىن، ئايدىڭ كۆلگە جايلاشقان ئاپتوماتىك كۆزىتىش پونكىتى 50.3 سېلسىيە گرادۇسلۇق يوقىرى تېمپىراتۇرانى خاتىرىلەپ، بۈگۈنكى جۇڭگو مېتېئورولوگىيە سانلىق مەلۇماتلىرى بويىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرا رېكورتى ياراتقان. شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى گەرچە بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ دۆلەتلىك ھاۋارايى ئىستانسىسىدىن ئەمەس، بەلكى رايونلۇق ئاپتوماتىك ھاۋارايى پونكىتىدىن كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنى شىنجاڭ ھەتتا جۇڭگودىكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا خاتىرىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
بايلىق
[تەھرىر]ئايدىڭكۆل سۈيىدە كۆپ مىقداردا خلور، ناترىي، كالىي ۋە باشقا ئىئونلار بار. مىنېرال ماددىلار تاش تۇز، ناترىي سۇلفات، سۇسىز ناترىي سۇلفات، گىپس، كالتسىي ناترىي سۇلفات ۋە ھەر خىل كالىي ۋە ماگنىي تۇزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۇز ۋە ناترىي سۇلفاتنىڭ زاپىسى تەخمىنەن 300 مىليون توننا. ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ مىنېراللاشتۇرۇلغان كۆل. ھازىر ئايدىڭكۆل بويىدا ناترىي سۇلفات زاۋۇتى بار، بۇ زاۋۇت كۆلدىكى خرۇستال تۇز، ئاليۇمىن ۋە تۇز سۈيىنى خام ئەشيا قىلىپ خىمىيىلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ.
سىرتقى ئۇلاش
[تەھرىر]