تارىم ئويمانلىقى
تارىم ئويمانلىقى بولسا جەنۇبىيشىنجاڭغا تەۋە بولغان ئويمانلىق، يار مايدانى 400،000 كۇۋادىرات كىلومەتىر. بۇنىڭدىن 500 مىليون يىل ئىلگىرى بۇ يەر بىپايان دېڭىز ئىچىدىكى قەدىمكى قۇرۇقلۇق بولۇپ، بۇنىڭدىن 2 — 3 مىليون يىل ئىلگىرى يەر شارىدا غايەت زور كۆچلۈك تاغ ھاسىل بولۇش ھەرىكىتى بولغاندا تەڭرى تېغى كۆتۈرۈلۈپ چىققان. يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن قۇرۇم (ۋە قاراقۇرۇم كوئىنلۇن) تاغلىرى شەكىللەنگەن. نەتىجىدە بۇ قەدىمكى قۇرۇقلۇق چوڭ ۋە قاتمۇ قات تاغلار ئوراپ تۇرغان چوڭ <تارىم ئويمانلىقى> غا ئايلىنىپ قالغان.
بايلىق
[تەھرىرلەش]تارىم ئويمانلىقى مەملىكەت ئىچىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى، جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا يەرمەنكىسى ئارقىلىق، 20مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ شامال، قوياش ئېنېرگىيەسى ئالاھىدە مول بۇ رايونغا مەركەزلەشتى.
تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا يەرمەنكىسىدە ئېلىمىزنىڭ شەرقىي قىسىم رايونلاردىن كەلگەن يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىلىرى كورلا شەھىرى، چەرچەن ناھىيەسى قاتارلىق تۆت ناھىيە شەھەر بىلەن مەبلەغ سوممىسى 20 مىليارد 660مىليون يۈەن كېلىدىغان پاكىز ئېنېرگىيە تۈرىدىن بەشنى ئىمزالىدى، بۇ شامال، قوياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش، يورۇقلۇقتىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۇ توختامنىڭ %64نى ئىگىلەيدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوياش ئېنېرگىيەسى بايلىق مىقدارى ۋە شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، بۇ يەر قوياش ئېنېرگىيەسى ۋە شامال ئېنېرگىيەسى ئەڭ مەركەزلەشكەن رايون. 12-بەش يىلدا شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئېنېرگىيە تەمىنلىشىدىكى نىسبىتىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، 2015-يىلغىچە جۇڭگودىكى مۇھىم چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر ۋە يورۇقلۇق ئېلېكتىر بازىسى بەرپا قىلىدۇ.
كىلىمات
[تەھرىرلەش]قارالسۇن
[تەھرىرلەش]سىرتقى ئۇلاش
[تەھرىرلەش]مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]