تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى

تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەسقەر ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. تاشقۇرقاننىڭ يەر مايدانى 52،300 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 20،000.

تارىخ[تەھرىرلەش]

تاشقورغان خەن سۇلالىسى دەۋرىدە پۇلى، ئىنەي دۆلەتلىرىنىڭ يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە فرپاند دۆلىتىنىڭ يېرى بولۇپ، ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە چاغاتاي خانلىقىغا قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە <سارىقوللار قورۇقى> دەپ ئاتىلىپ، يەكەن ئانبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 28 - يىلى (1902 - يىلى) پۇلى شۆبە مۇداپىئە نازارتى تەسىس قىلىنىپ، يەكەن مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو 2 - يىلى (1913 - يىلى) شۆبە مۇداپىئە نازارىتى پۇلى ناھىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1954 - يىلى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە، جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي رايونىغا ۋە قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، قاراقۇم تېغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى قاغىلىق ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى ئاقتۇ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب ۋە غەرب تەرىپى ئايرىم - ئايرىم ھالدا كەشمىر (پاكىستان كونتروللىقىدىكى رايون)، ئافغانىستان، تاجىكىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 808 كىلومېتىر). جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 178 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 140 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 52 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر (بۇنىڭ ئىچىدە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تالاش - تارتىش بولۇۋاتقان يەر 28 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر) كېلىدۇ. قارمىقىدا بىر بازار، 11 يېزا، 41 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1768 كىلومېتىر. 9519 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 72 مىڭ 800 بولۇپ، تاجىكلار 84.17% نى، خەنزۇلار 3.72% نى، باشقا مىللەتلەر 12.11% نى تەشكىل قىلىدۇ. ناھىيە تەۋەسىنى تاغلار ئورۈپ تۇرىدۇ؛ چوققىلار بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن، مۇز چوققىلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. يارلار گىرەلىشىپ كەتكەن، ئېدىرلىقلار ئېگىز - پەس بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن كۆپرەك ئېگىز، كوئىنلۇن تېغى، قارا قۇرۇم تېغى، ھېندى قۇش تېغى ۋە تەڭرىتېغىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ تاغ تىزمىسى مۇشۇ يەردە ھەم دېڭىز يۈزىدىن 8611 مېتىر ئېگىز بولغان دۇنيا بويىچە 2 - ئېگىز چوققا - چوگىر چوققىسى بار، ھەم دېڭىز يۈزىدىن 7546 مېتىر ئېگىز بولغان <مۇز تاغ ئاتىسى> دەپ ئاتالغان مۇزتاغ چوققىسى بار. تەۋەسىدە تىزناپ دەرياسى بىلەن تاشقورغان دەرياسى بار. يەر يۈزى سۇ بايلىقى 4 مىليارد 553 مىليون كۇب مېتىر. ئارشاڭ بايلىقى بىرقەدەر مول، يانبۇلاق ئارشىڭى، تاغمان ئارشىڭى، ماريان ئارشىڭى، دابدار ئارشىڭى قاتارلىق بىرقدەر چوڭ ئارشاڭلار بار. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، شىمال قويى، ئارقار، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئالتۇن بۈركۈت، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قارلەيلىسى، تورسۇلداق، ئەڭلىك ئوت، ئادراسمان قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، مىس، تۆمۈر، چىرىمتال، خرۇستال، ئالماس قاتارلىقلار بار. تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 3.3℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 32.0℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 39.1℃. كۈننىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 2831.0 سائەت. قىروسىز مەزگىلى 79 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 68.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2309.5 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيىدە چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 0083 گېكتار (57 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 0011 گېكتار (16 مىڭ مو)، 406 مىڭ گېكتار (6 مىليون 90 مىڭ مو) ئوتلاق بار. چارۋىچىلىقتا ئوتلاق چارۋىچىلىقى ئاساس قىلىنىدۇ. <داڭ باش چوڭ قۇيرۇقلۇق قوي> ۋە قوتازنىڭ خېل داڭقى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، ئارپا، يالىڭاچ ئارپا، كۆك پۇرچاق، قىچا، كۆممىقوناق قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، تىككۈچىلىك، مىنېرۈل سۇ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 314 - لىنىيىسى بار. 1000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش بىرلەشمە تورىغا كىرگۈزۈلدى. قونجىراپ ئېغىزى دۆلىتىمىز پاكىستان ۋە 3 - دۆلەتكە ئېچىۋەتكەن مۇھىم سودا ئېغىزى. بۇ ناھىيە قەدىمىي <يىپەك يولى> نىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىدىكى دۆلەتلەرگە بارىدىغان مۇھىم يول.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىرلەش]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىرلەش]

تەربىيە[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىك[تەھرىرلەش]

تەۋەسىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن كوناتاش قورال قەدىمكى دەۋرىدىكى جىرغال خارابىسى، يېڭى تاش قورال دەۋرىدىكى شامباب مازىرى، تاش قەلئە، پەرھات - شېرىن ئۆستىڭى خارابىسى قاتارلىقلار بار. مەشھۇر مەنزىرىلىك جايلىرىدىن مۇزتاغ، مۇز غار، مۇز مۇنار، ئاجايىپ - غارايىپ تاغ ۋە تا، ئاجايىپ - غارايىپ گۈل چېچەك ۋە ئوت - چۆپ، ئېتىلما بۇلاق، ئارشاڭ، ئېگىز تاغدىكى كۆل قاتارلىقلار بار.

مائارىپ[تەھرىرلەش]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: ئىدىقۇت رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى ساۋەن ناھىيىسى | | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى