قوچۇ





قوچۇ (高昌) ياكى قوچۇ بەگلىكى (高昌国) شىمالىي كەڭلىك 89°31، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 42°51. بۈگۈنكى تۇرپان ۋىلايىتى دائىرىسىگە توغرا كېلىدىغان قەدىمىي يۇرت، قۇرىغاردىكى ئىنتايىن مۇھىم قاتناش تۈگۈنلىرىدىن بىرى.
قوچۇ دىيارى ناھايىتى ئەسكى ئولتۇراق يۇرتلاردىن بىرى بولۇپ، قۇس خانلىقى (م.ب 108 — م.ﻛ 450)، ھون شىمالىي لياڭ خانلىقى (高昌北凉؛ 442—460)، كەلگۈندى كام (阚氏高昌؛ 460—488)، جاڭ (张氏高昌؛ 488—496)، ما (马氏高昌؛ 496 — 501) ۋە كۈي\چۈ (麹氏高昌؛ 501—640) ھاكىمىيەتلىرى دەۋر سۈرگەندىن كېيىن تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ۋە غەربىي ئايماق، ئەنشى تۇتۇق مەھكىمەسىنى تەسىس قىلغان.
840 - يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن كۈنپېتىشقا كۆچكەن پانتېكىن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلار باشتا بەشبالىققا، كېيىن قوچۇغا كېلىپ ئورۇنلاشتى ۋە قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇردى. 1124 - يىلى ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بىلىك قاغان قىتان يوللىغ تاشىنغا بەيئەت قىلدى. 1209 - يىلى ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېكىن چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلدى، 14 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چاغاتاي خانلىرى تەرىپىدىن تامامەن فەتىھ قىلىنىدى.
موڭغۇل دەۋرى پۈتۈكلىرىدە ئۇيغۇرچە قاراقوچۇ (合拉火者 ۋە باشقىلار) دەپ، مىڭ سۇلالىسى مەنبەلىرىدە قاراقوچۇ (哈拉和卓) ياكى قوچۇ (霍州) شەكلىدە كۆرۈلىدۇ.