چاقىلىق ناھىيىسى
چاقىلىق ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. چاقىلىقنىڭ يەر مايدانى 198،318 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 30،000.
تارىخ
[تەھرىرلەش]چاقىلىق ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە پىشامشان، كرورەن خانلىقىنىڭ يېرى ئىدى. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە پىشامشان ۋىلايىتىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەردە شىچېڭ (تاش قەلئە) قورغىنى قۇرۇلغان. چاقىلىق قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ ئىدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 24 - يىلى ( 1898 - يىلى) تايىپ ھاكىم قويۇلغان. ئۇ شىنېڭ ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان (بۈگۈنكى لوپنۇر ناھىيىسى)، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 29 - يىلى ( 1903 - يىلى) ناھىيىگە كۆتۈرۈلۈپ، نامى پىشامشان دەپ بېكىتىلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاراشەھەر مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 9 - يىلى (1920 - يىلى) قاراشەھەر ۋىلايىتىگە ئايرىپ بېرىلگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن كورلا ۋالىي مەھكىمىسىگە ئايرىلىپ بېرىلگەن. 1959 - يىلى پىشامشان دېگەن نامى چاقىلىق دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1960 - يىلى بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئايرىپ بېرىلدى.
جۇغراپىيە
[تەھرىرلەش]چاقىلىق ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، غەربىي تەرىپى چەرچەن ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى ۋە تۇرپان ۋىلايىتى، قۇمۇل ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 600 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 580 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 202 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ناھىيە ھېسابلىنىدۇ. چاقىلىق ناھىيىسىگە 1 رايون، 2 بازار، 5 يېزا، 16 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 2 - شىسىنىڭ 36 - تۇەنى مەيدانى ۋە ئالتۇن تاغ تەبىئىي قوغداش باشقارمىسى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 913 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 27 مىڭ 900 يۈز، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 38.38% نى، خەنزۇلار 56.07% نى، باشقا مىللەتلەر 5.55% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر كىلومېتىر يەرگە 0.13 ئادەم توغرا كېلىدۇ. مەملىكەت بويىچە نوپۇسىنىڭ زىچلىق دەرىجىسى ئەڭ ناھىيىدۇر. يېرىنىڭ جەنۇبىي تەرىپى ئېگىز، شىمالىي تەرىپى پەس، ئالتاي تېغى ناھىيە تەۋەسىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق يەر 29.39% نى، چۆللۈك، قۇملۇق 57.6% نى، تۈزلەڭلىك، بوستانلىق 13.1% نى تەشكىل قىلىدۇ. 14 ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريا - ئېقىنى بار. يەر ئۈستىدىكى سۇ بايلىقى 370 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋاناتلاردىن ياۋا قوتاز، ياۋا ئېشەك، قاڭشارلىق بۆكەن، قارا بويۇن، قارا بويۇن تۇرنا، تىبەت بۆكىنى، يىلپىز، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورا ئۆسۈملۈكلەردىن قارلەيلىسى، ياۋا ئەپيۈن گۈلى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلاردىن مىس، تۆمۈر، ئالتۇن، كالىي تۇز، تاشپاختا قاتارلىقلار بار. ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ چۆل قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.5℃، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 43.6℃ قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا - 27.2℃ قا چۈشىدۇ. يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 118.7 كۈن 30℃دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە قۇياشنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 3082.2 سائەت. 10℃ يىغىلما تېمپېراتۇرىسى 4353.9℃، قىروسىز مەزگىل 235 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 17.4 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2902.2 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيىدىن يېزا ئىگىلىك ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 2200 گېكتار ( 33 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 11 مىڭ 300 گېكتار ( 169 مىڭ 500 مو) تەبىئىي توغراقلىق، 1 مىليون 133 مىڭ 300 گېكتار (17 مىليون مو) ئوتلاق. 20 مىڭ گېكتار ( 300 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاشلىق، مايلىقدان، كېۋەز ئاساس قىلىنىدۇ. چارۋا كالا، قوي، ئاساس قىلىنىدۇ. سانائەت جەھەتتە ئېلېكتر قۇۋۋىتى، تاش پاختا، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە تاش پاختا تۈۋرۈك كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. 315، 218 - دۆلەت تاشيولى ناھىي تەۋەسىدىن ئۆتۈپ، شىمالدىن كورلىغىچە، شەرقتىن چىڭخەي ئۆلكىسىگە، غەربتىن چەرچەنچىگە بولغان قاتناش ترانسپورت تورى شەكىللەندۈردى. سانلىق پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.
مەمۇرىي رايون
[تەھرىرلەش]- چاقىلىق بازىرى (若羌镇)
- يېتىمبۇلاق بازىرى (依吞布拉克镇)
- لوپنۇر كۆلى بازىرى (罗布泊镇)
- تىكەنلىك بازىرى (铁干里克镇)
- ۋاششەرى بازىرى (瓦石峡镇)
- ئۇتام يېزىسى (吾塔木乡)
- تۆمۈرۈاك يېزىسى (铁木里克乡)
- چىمەنتاغ يېزىسى (祁曼塔格乡)
- 36-تۇەن مەيدانى (兵团36团场)
ئىقتىساد
[تەھرىرلەش]ئاساسىي قۇرۇلۇش
[تەھرىرلەش]نۇپوس ئىستاتىستىكا
[تەھرىرلەش]تەربىيە
[تەھرىرلەش]ساياھەتچىلىك
[تەھرىرلەش]كرۇرەن قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، مىرەن قەدىمكى قەلئە خارابىسى، قاتارلىق مەدەنىي يادىكارلىق ئىزلىرى بار، داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت راونى بار.
مائارىپ
[تەھرىرلەش]تەنھەرىكەت يىغىنى
[تەھرىرلەش]سىرتقى ئۇلاش
[تەھرىرلەش]
مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]- ↑ 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.