ئۈرۈمچى شەھىرى

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى Ürümqi shehiri)
ئۈرۈمچى شەھىرى

乌鲁木齐市.Ürümchi

ئۈرۈمچى شەھىرى (قىزىل) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇيغۇرىستان
تىللار ئۇيغۇرچە خەنزۇچە
شەھەر رايونى سانى 7 دانە
ناھىيە سانى 1 دانە
ئومۇمىي نوپۇس 3.5 مىليون
يەر مەيدانى 39،500 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
شەھەرلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيروڭ،徐海荣
شەھەر باشلىقى ياسىن سىدىق
تېلېفون رايون نومۇرى 991(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新A
تور بېكەت ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ (ئۇيغۇرىستاننىڭ)مەركىزىي شەھىرى، پۈتۈن شەھەر يەتتە رايون بىر ناھىيىدىن تەركىپ تاپقان ،ئومۇمىي يەر مەيدانى 14000 كۇۋادىرات كېلومېتىر، 2014–يىلى يىل ئاخىرىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 3530000 ئادەم ،خەنزۇ ،ئۇيغۇر ،قارزاق ،خۈيزۇ ،شىبە قاتارلىق 52 مىللەت ئولتۇراقلاشقان . ئۈرۈمچىدە تارىختا بىرمۇ خىتتاي پۇقراسى ياشىمىغان بۇلۇپ خىتتايلار مانجۇ ئىستىلاسىدىن كېيىن ئېقىپ كىرىشكە باشلىغان

تارىخ[تەھرىرلەش]

ئۈرۈمچى تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەن كەڭ زىمىنلانىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان. ئۈرۈمچى دۇنيا بويىچە دېڭىز بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يىراق ئىچكى قۇرۇقلۇق شەھىرى بولۇپ ، بۇ شەھەرنىڭ دېڭىز ياقىسى بىلەن بولغان ئەڭ يېقىن ئارىلىقى 2 مىڭ 250 كىلومېتىر كېلىدۇ .

ئۈرۈمچى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە ، جۇڭغار ئويمانلىقنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تۇپرىقى مۇنبەت ، سۇلىرى ئەلۋەك بىر ماكان . ‹‹ئۈرۈمچى›› موڭغۇلچە سۆز بولۇپ ، مەنىسى گۈزەل يايلاق دېگەنلىكتۇر .

ئۇيغۇرچە ئۆرۈمچى،توقۇمىچى دىگەن مەنىدە. قەدىمىي ئۈرۈمچى دەرياسى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئاقىدىغان بولۇپ ، شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتىدۇ . شەھەرنىڭ شەرقىدە دېڭىز يۈزىدىن 5 مىڭ 400 مېتىر ئېگىز بولغان بوغدا چوققىسى ، جەنۇبىدا بولسا ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغ تىزمىلىرى ، غەربىدە بولسا رىۋايەت تۈسىنى ئالغان يامالىق تېغى ، شەھەر ئىچىدە بولسا كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان قىزىلتاغ بار بولۇپ ، بۇلار ئۈرۈمچىنى ئالاھىدە گۈزەل بىر جايغا ئايلاندۇرغان .

ئۈرۈمچى شىنجاڭنىڭ مەركىزى شەھىرى ، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزى شۇنداقلا كۆپ مىللەت مەدەنىيىتى توپلانغان مۇھىم ئورۇن . ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۈرۈمچى دۇنياغا داڭلىق ‹‹يىپەك يولى››دىكى مۇھىم تۈگۈنلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، خۇيزۇ ، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر بۇ مەركىزىي شەھەردە ئىناق ياشىماقتا .

ئۈرۈمچى ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ ، قەدىمدىن تارتىپ ‹‹مۆجىزىلەر دەرۋازىسى›› دەپ ئاتىلىپ كەلگەن . ئۈرۈمچى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب–شىمالىنى ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شىنجاڭنى تۇتاشتۇرۇشتىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ ، ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم جاي ۋە چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم كۆزنەك بولۇپ قالدى .

جۇغراپىيەلىك ئورنى[تەھرىرلەش]

ئۈرۈمچى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان، ياۋرو ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا، تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى گىرۋىكىگە جايلاشقان. شەرقى قىسىمى تۇرپان ۋىلايىتى بىلەن چىگرىلىنىدۇ، غەربى تۇدۇڭخابا ۋە سانجى شەھىرى بىلەن چىگرىلىنىدۇ، غەربى جەنۇبى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن چىگرىلىنىدۇ، شىمالىدىكى بوغدا تېغى بويلاپ بىلەن جىمىسار ناھىيىسى، فۇكاڭ شەھىرى بىلەن چىگرىلىنىدۇ. شەرقىي ئۇزۇنلۇق 86°37'33"-88°58'24" قا جايلاشقان، شىمالىي كەڭلىك 42°45'32"-45°00'00" كە جايلاشقان.

2014-يىلى ئاخىرىغىچە، پۈتۈپ چىققان رايونى كۆلىمى 41260 كۋادرات كىلومېتىر. 2014-يىلى، پۈتۈن شەھەر كۆكەرتىش قاپلىنىش كۆلىمى 26900 گېكتار بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن % 5.9 ئاشقان، باغۇ-بوستان كۆلىمى 14600 گېكتار، %7.4 ئاشقان. يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %38.5 كە يەتكەن. ئۈرۈمچى يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز – پەسلىك پەرقى چوڭ، تاغلىق يەر كۆلىمى كەڭ. جەنۇبى قىسمى، شەرقىي شىمالىي قىسىمى ئېگىز، ئوتتۇرا قىسمى، شىمالىي پەس. ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى تەڭرىتاغ بوغدا چوققىسى چوققا، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 5445مېتىر، ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى مېڭجىن سۇ ئامبىرى چوڭ ئۆستىڭى جەنۇپ تەرىپىدە، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 490.6 مېتىر كېلىدۇ. ئىككى جايدىكى گورىزونتال ئارىلىق 75 كىلومېتىر بولۇپ، ئېگىزلىك پەرقى 4954.4 مېتىر كېلىدۇ. تاغلىق يەر كۆلىمى ئىگىلىگەن ئومۇمىي كۆلەمنىڭ % 50 تىن كۆپرەك نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ، شىمالى تىنما تۈزلەڭلىك ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئوندىن بىرىگە يەتمەيدۇ، شەھەر رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 800 مېتىر.

مەمۇرىي رايون[تەھرىرلەش]

ئۈرۈمچى شەھىرى جەمئىي 8 ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوندىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ ئچىدە 7 شەھەر رايونى ۋە بىر ناھىيە بار. ئۇلار بولسا:

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەرىتىسى
نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى كوچا باشقارمىسى سانى بازارلىق سانى يېزا سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 تەڭرىتاغ رايونى Tengritagh

Rayoni

Tengritagh

District

天山区 15 0 0 523 171.00
2 سايباغ رايونى Saybagh

Rayoni

Saybagh

District

沙依巴格区 15 0 0 522 422.47
3 يېڭىشەھەر رايونى Yëngisheger

Rayoni

Yëngisheger

District

新市区 12 1 4 535 262.52
4 بۇلاقتاغ رايونى Bulaqtagh

Rayoni

Bulaqtagh

District

水磨沟区 14 0 0 266 277.56
5 تۇدۇڭخابا رايونى Tudungxaba

Rayoni

Tudungxaba

District

头屯河区 5 0 0 139 275.59
6 كۆكتاغ رايونى Köktagh

Rayoni

Köktagh

District

米东区 6 5 2 276 3,407.42
7 داۋانچىڭ رايونى Dawanching

Rayoni

Dawanching

District

达坂城区 3 1 3 45 4,759.18
8 ئۈرۈمچى ناھىيىسى Ürümchi

Nahiyisi

Ürümchi

County

乌鲁木齐县 0 3 3 95 4,212.16

ئىزاھات:

  • تۇدۇڭخابا رايونى ئۈچدەريا رايونى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، داۋانچىڭ رايونى داۋان رايونى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
  • بىر قىسىم كوچالارنىڭ ئىسمى:
  • ئېقىندالا، شامالباغ، تاشبۇلاق، شاپتۇللۇق قاتارلىقلار.

تۆۋەندە ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بېرىلدى، ئۇلار بولسا:

  • بەنفاڭگۇ _____ ئېقىندالا
  • خىي جىياسەن _____ تاشبۇلاق
  • جيۇ جىياۋەن _____ شاپتۇللۇق
  • نىيەن زىگوۋ _____ خۇمدانلىق
  • ۋۇ جىيا چۈ _____ ئوتۇنكوزا
  • با جىيا خۇ _____ سەككىزتۈتۈن
  • دوڭ باجىياخۇ _____ سېغىزدۆڭ
  • يەن ئەنلۇ _____ شامالباغ
  • داۋەن _____ داۋان (بۇ ئېنىقلىغۇ!)
  • نەنمېن _____ ئاققوۋۇق
  • ماشىخاڭزا _____ مال بازىرى
  • بېيمېن _____ تۆگەدەڭ
  • خېي شەنتو _____ يىقىلغان تاش
  • سەن شىخاڭزا _____ بۇلاقبېشى
  • خې تەنلۇ _____ ساي يولى
  • سەن دۇڭبېي _____ ئۈچتاش
  • خۇا ئەرگو _____ گۈلساي
  • بەي ياڭگو _____ تېرەكساي
  • جى جىسوزا _____ چىغدەن
  • يەنئەرۋو _____ قارلىغاچلىق
  • شۈي موگو _____ بۇلاقتاغ
  • جۈخۇا تەي _____ گۈلتەكچە

ھاۋا كىلىماتى[تەھرىرلەش]

ئۈرۈمچى دۇنيادىكى ئوكيان بىلەن بولغان ئارلىقى ئەڭ يىراق شەھەر بولۇپ، ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرلىك قۇرغاق كىلىماتقا تەۋە ، ئەڭ ئىسسىق ۋاقتى 7 -، 8 -ئاي بولۇپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 25.7 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ سوغۇق ى بولسا بىرىنچى ئاي بولۇپ ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 15.2- سېلسىيە گرادۇس. ئۈرۈمچىنىڭ كۈز پەسلى ھەر يىلى 24 – ئاۋغۇست ھەر باشلىدى. شىمالى تۈزلەڭلىكىدى 10 كۈن كېچىكىپ كېلىدۇ، كۈز كىرگەندىن كېيىن، ھاۋا مۇھىتى بىر قەدەر مۇقىم، ھاۋا سوغۇقمۇ ئەمەس، ئىسسىقمۇ ئەمەس، ناھايىتى يېقىشلىق. 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا كېيىن، سوغۇق ھاۋانىڭ كەينى-كەينىدىن ھۇجۇم قىلىپ، تېمپىراتۇراىنىڭ تۆۋەنلىشى تېز بولىدۇ.

10-ئايدا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى چوڭىيىپ كېتىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىن قىش، ھەر يىلى 11- ئاينىڭ 3 -كۈنىدىن ئىككىنچى يىلى 4-ئاينىڭ 8 -كۈنىگىچە 150كۈن داۋاملىشىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈچ تەرەپتىن تاغ ئوراپ تۇرىدۇ، شىمالى خۇددى جۇڭغار ئويمانلىقىىغا قاراپ تۇرغان كاناي ئېغىزى، تەڭرىتاغ توسىقى بولغاچقا، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ھەمىشە ئويمانلىقى ئىچىدە تۇرۇپ قالىدۇ.

جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى تاغ ئالدى ئېدىرلىق بولمىسىمۇ بىراق بىر « مۆتىدىل بەلباغ » باردەك، 1-ئايدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شەھەر رايونى 4، 5 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولۇش، بۇ خىل ئۆزگىچە قىش پەسىللىك كىلىمات شارائىتى، پارنىكتا كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشقا ماس كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى قار 175 كۈن داۋاملىشىدۇ.

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

ئۈرۈمچى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىدىكىدىكى ئىككىنچى ئىقتىساد بەلبېغى، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى مۇھىم ئىقتىساد مەركىزى. ئۈرۈمچى بىلەن قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئەللەر، قەدىمدىن تارتىپ ئالاقە قىلىدىغان سودا مۇھىم تۈگۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا نىسبەتەن بىر قەدەر كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش رولى بار. 2014 -يىلى ياراتقان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىت 251مىليارد يۈەن بولغان، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى يىلدىكىدىن % 10.5 ئۆسۈپ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 3 مىليارد يۈەن، %5.6 ئاشقان، ئىككىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 95 مىليارد 500 مېليون يۈەن بولۇپ، % 12.2 ئاشقان، ئۈچىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 152 مېليارد 500 مېليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن% 9.3 ئاشقان.

ئۈچىنچى كەسىپنىڭ قۇرۇلما نىسبىتى 1.2:38.1:60.7 بولغان. پۈتۈن بىر يىلدا يەرلىك مالىيە كىرىمى 45 مېليارد 297 مېليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %13.0 ئاشقان. يىللىق تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى 8 مېليارد 285 مېليون دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن % 6.3 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 7 مېليارد 217 مېليون ئامېرىكا دوللىرى، %12.8ئاشقان، ئىمپورت ئومۇمىي سوممىسى1 مېليارد 68 مېليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%23.6 تۆۋەنلىگەن.

ساياھەتچىلىك[تەھرىرلەش]

ئۈرۈمچى بولسا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەتتە پۈتۈن جوڭگۇدىكى مۇھىم ساياھەت توپلاشقان مەركەزلىك ئورۇن، تەڭرىتاغ تىزمىللىرىدا ئىگىز تاغ قارمۇز مەنزىرلىرى بار، تاغدىكى ئورمان مەنزىللىرى، ئوتلاق مەزىرلىرى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتى، ئۆرپ-ئادىتى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ساياھەت مەنزىرلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. شىنجاڭ خەلىقئارا چوڭ بازار، دۆڭكۆۋرۈك، مىللەتلەر كوچىسى قاتارلىقلار قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەنزىرە نۇقتىسى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق، يىپەك يولى قارمۇز ساياھىتى، يىپەك يولى كىيىم-كېچەك بايرىمى قاتارلىق يىپەك يولى مەداەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرنى مۇجەسسەم قىلغان بايرام ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى ئۈرۈمچىنى ئۆزگىچە بىر شەھەر قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا قىزىل تاغ، يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى، شۇيموگو ساياھەت نۇقتىسى، جەنۇبىي تاغ غەربى بەيياڭگۇ قاتارلىق ساياھەت نۇقتىللىرى بار . ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى

باشقىلار[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى