تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
塔什库尔干塔吉克县.Tashkorgan Tajik Autonomous County | |
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ئاپتونوم ناھىيە |
ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
بازارلىق سانى | 2 دانە |
يېزا سانى | 11 دانە |
نوپۇسى (2017-يىل) | 40,381 [1] |
يەر مەيدانى | 52،400 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Tashqorghan Tajik Aptonom Nahiyisi) پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى قاغىلىق ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى ئاقتو ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب ۋە غەرب تەرىپى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كەشمىر (پاكىستان كونتروللىقىدىكى رايون) ، ئافغانىستان، تاجىكىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 808 كىلومېتىر) . جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 178 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 140 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 52 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر (بۇنىڭ ئىچىدە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان يەر 28 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر) كېلىدۇ. قونجىراپ ئېغىزى ناھىيىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى دەپتەر يېزىسى غا جايلاشقان بولۇپ، پاكىستان]] نىڭ گىلگىت بالتىستان رايونى بىلەن تۇتۇشىدۇ.
مەمۇرىي رايون
[edit]قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى قارمىقىدا 2 بازارلىق ۋە 11 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
نومۇرى | ئىسمى | ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
دا يېزىلىشى |
ئىنگلىزچە ئىسمى | خەنزۇچە ئىسمى | مەھەللە/كەنت سانى | نوپۇسى(مىڭ) | يەر مەيدانى(km2) |
1 | تاشقورغان بازىرى | Tashqorghan Baziri | Tashqorghan Town | 塔什库尔干镇 | 3 | 9 | 10 |
2 | تاجىك ئابات بازىرى | Tajik Abat Baziri | Tajik Abat Town | 塔吉克阿巴提镇 | 4 | 4.5 | ؟ |
3 | تاشقورغان يېزىسى | Tashqorghan Yézisi | Tashqorghan Township | 塔什库尔干乡 | 5 | 6 | 4,606 |
4 | تىزناپ يېزىسى | Tiznap Yézisi | Tiznap Township | 提孜那甫乡 | 3 | 3 | 2,061 |
5 | تاغارما يېزىسى | Tagharma Yézisi | Tagharma Towship | 塔合曼乡 | 4 | 3 | 7,351 |
6 | كۆكيار قىزغىز يېزىسى | Kökyar Qirghiz Yézisi | Kokyar Kyrgyz Township | 科克亚尔柯尔克孜族乡 | 2 | 1 | ؟ |
7 | بەلدىر يېزىسى | Beldir Yézisi | Beldir Township | 班迪尔乡 | 3 | 1.5 | 5,763 |
8 | ۋەچە يېزىسى | Weche Yézisi | Weche Township | 瓦恰乡 | 5 | 3 | 1,508 |
9 | مارياڭ يېزىسى | Maryang Yézisi | Maryang Township | 马尔洋乡 | 4 | 2 | 7,768 |
10 | قوغۇشلۇق يېزىسى | Qoghushluq Yézisi | Qoghushluq Township | 库科西鲁格乡 | 4 | 1.8 | 4,644 |
11 | داتۇڭ يېزىسى | Datung Yézisi | Datung Township | 大同乡 | 4 | 2 | 2,065 |
12 | بۇرۇمسال يېزىسى | Burumsal Yézisi | Burumsal Township | 布伦木沙乡 | 2 | 0.7 | 590 |
13 | دەپتەر يېزىسى | Depter Yézisi | Depter Township | 达布达尔乡 | 4 | 3 | 11,400 |
ئىزاھات:
نۇپوس ئىستاتىستىكا
[edit]يەر تۈزۈلۈشى
[edit]ناھىيە تەۋەسىنى تاغلار ئورۈپ تۇرىدۇ؛ چوققىلار بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن، مۇز چوققىلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. يارلار گىرەلىشىپ كەتكەن، ئېدىرلىقلار ئېگىز-پەس بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن كۆپرەك ئېگىز، كوئىنلۇن تېغى، قارا قۇرۇم تېغى، ھېندى قۇش تېغى ۋە تەڭرىتېغىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ تاغ تىزمىسى مۇشۇ يەردە ھەم دېڭىز يۈزىدىن 8611 مېتىر ئېگىز بولغان دۇنيا بويىچە 2-ئېگىز چوققا-چوگىر چوققىسى بار، ھەم دېڭىز يۈزىدىن 7546 مېتىر ئېگىز بولغان «مۇز تاغ ئاتىسى» دەپ ئاتالغان مۇزتاغ چوققىسى بار. تەۋەسىدە تىزناپ دەرياسى بىلەن تاشقورغان دەرياسى بار.
ئىقلىمى
[edit]تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 3.3، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 32.0، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى-39.1. كۈننىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 2831.0 سائەت. قىروسىز مەزگىلى 79 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 68.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2309.5 مىللىمېتىر.
يېزا ئىگىلىكى
[edit]ساياھەتچىلىكى
[edit]مائارىپى
[edit]مەنبەلەر
[edit]- ↑ "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-04-24.
- ↑ 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.
سىرتقى ئۇلانمىلار
[edit]