ئالتاي ۋىلايىتى
ئالتاي ۋىلايىتى (Altay Wilayiti) شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق ۋىلايەت بولۇپ، نوپۇسى 561 مىڭ 667، يۈز ئۆلچىمى 118 مىڭ 015 كۋادرات كىلومېتىردۇر. جۇغراپىلىك ئورنى شىمالىي كەڭلىك 47.50°، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 88°08 ئېرۇر.
جۇغراپىيە
[تەھرىرلەش]ئالتاي ۋىلايىتى شىنجاڭ رايونىنىڭ شىمالىي قىسىمىغا، ئالتاي تېغىنىڭ غەربىي جەنۇب ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق، غەرب، شىمال تەرىپى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قازاقىستان، روسىيە، موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1109 كىلومېتىر). جەنۇب تەرىپى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 420 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 467 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 116 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر. ئالتاي ۋىلايىتىگە 1 شەھەر، 6 ناھىيە (يەنى ئالتاي شەھىرى، بۇرجىن ناھىيىسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى، كۆكتوقاي ناھىيىسى، قابا ناھىيىسى، چېڭگىل ناھىيىسى، جىمىنەي ناھىيىسى) قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 10 - شىسىنىڭ 9 تۇەن - مەيدانى بار. مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي، ئالتاي شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 675 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 542 مىڭ 900، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 51.0% نى، ئۇيغۇرلار 1.87% نى، خەنزۇلار 41.74% نى، باشقا مىللەتلەر 5.39% نى تەشكىل قىلىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، شەرقىي شىمال تەرىپى ئېگىز، غەربىي جەنۇب تەرىپى پەس. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق 93% نى، قۇملۇق 7% نى، تۈزلەڭلىك 45% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئىككى چوڭ كۆل (داڭلىق ئۇلۇڭگۈر كۆلى، كۆلىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 745 كۋادرات كىلومېتىر ۋە 45 كۋادرات كىلومېتىر) بار. چوڭ سۇ سىستېمىسى (ئېرتىش دەرياسى، ئۇلۇڭگۈر دەرياسى) بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 10 مىليارد 760 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر يىلپىز،قۇندۇز، سۆسۈن بۇلغۇن، ياۋا ئېشەك، بۇغا، قانداغاي، ئاققۇ قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈكتىن چۈچۈكبۇيا، پەربۇت، چاكاندا، توشقان زەردىكى، قۇرۇتئوت قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق قېزىلما بايلىقلىرىدىن 42 خىلى بايقالدى، ئۇ ئېلىمىزدىكى گرانىت بېگماتىن تىپىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان مېتال، رەڭلىك مېتال، قىممەت باھالىق مېتال ۋە ياقۇت، قاش تېشى چىقىدىغا مۇھىم رايون. ئالتاي ۋىلايىتىدە تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ، تاغلىق رايونلار تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ، ئىككىنچى دەرىجىلىك سوغۇق بەلۋاغ ئىقلىمى، سوغۇق بەلۋاغ ئىككىنچى دەرىجىلىك قۇرغاق، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۆتىدىل، نەملىك ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شىمالىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلار مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى - 4.3℃ ~ 0.2℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 51.5℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3150 ~ 2800 سائەت، قىروسىز مەزگىل 150 ~ 70 كۈن. ۋادىسى ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى تاغلىق رايوندا 600 ~ 200 مىللىمېتىر، دەريا ۋادىسى ۋە ئويمانلىقتا 170 ~ 120 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2300 ~ 1500 مىللىمېتىر. ئالتاي چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنىپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ۋىلايەت. ھازىر 118 مىڭ گېكتار (1 مىليون 770 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 1 مىليون 66 مىڭ 700 گېكتار (16 مىليون مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغا قاقاس يەر، 577 مىڭ 300 گېكتار (8 مىليون 660 مىڭ مو) ئورمانلىق، 064 مىڭ گېكتار (9 مىليون 600 مىڭ مو) ئورمان بىنا قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر، 10 مىليون 666 مىڭ گېكتار 700 گېكتار (160 مىليون مو) ئوتلاق بار.ل چارۋىچىلىقتا يايلاقتا بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. ئۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىم گۆش ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ئالتاينىڭ چوڭ قۇيرۇقلۇق قوي ئاساسلىق چارۋا ھېسابلىنىدۇ. بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىمۇ ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈككە ئىگە. شۇڭا ۋىلايەت يەنە ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىم سۇ مەھسۇلالتىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، كۆممىقوناق، ھەرخىل پۇرچاق، قىزىلچا بار. سانائىتىدىن كانچىلىق، خرومچىلىق، يۇڭ توقۇمىچىلىق، گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاشلىق پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئاساسى مۇئەسسەسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 216 - لىيىسى ئالتايدىن باشلىنىدۇ، ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتۇشۇپ كەتكەن. ئالتاي ئايرودورمىدىن قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۈرۈمچىگە قاتناپ تۇرىدۇ. ۋىلايەت، ناھىيىلەردە پروگراممىلىق تېلېفون يولغا قويۇلدى، ئوپتىكىلىق، سانلىق مىكرولۇق،كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق زامانىۋى خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرى كەينى - كەينىدىن ئىشلىتىلدى. بۇ ۋىلايەتنىڭ تايكەشكېن، قىزىلتاغ ئېغىزى دېگەن ئىككى چېگرا ئېغىزى موڭغۇلىيىگە، جىمىنەي، ئاختۆبېك دېگەن ئىككى چېگرا ئېغىزى قازاقسىتانغا ئېچىۋېتىلدى. ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قىياتاش رەسىملىرى كارىدورى، شەمىرشەك قەبرىستانلىقى، يايلاق تاش ھەيكىلى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن قاناس كۆلى مەزىرىسى مۇھاپىزەت رايونى، تاڭبالى كۆلى، بۇرۇلتوقاي ئارشاڭ تېغى ئارشىڭى قاتارلىقلار بار.
مەمۇرىي رايون
[تەھرىرلەش]تارىخ
[تەھرىرلەش]ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قاراشلىق جايلار شەرقى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە شىمالىي ھونلار قويان خانلىقىنىڭ سۇيۇرغانلىق يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئالتۇنتاغ قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. غەربىي لىياۋ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي قىسىم بازا مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ ئۈستۈن ئاستانە دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئوگداي خابا ۋەئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان ۋە بېشبالىق ۋاقىتلىق دىۋان ۋازارىتىگە قارىغان. كېيىن لىڭبېي ۋاقىتلىق ۋازارىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئالتاي ئورانغاي مۇئاۋىن باش بۇغې، باش بۇغى قاتارلىق ئەمەلدارلار قويۇلغان. قۇمدۇ مەسلىھەتچى ئامبالغا قاراپ، ئۇلاستاي چېگرىنى تىنچلاندۇرغۇچى سول قانات مۇئاۋىن سانغۇنىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈ 32 - يىلى (1906 - يىلى) ئالتاي خان ئامبىلى قويۇلۇپ، بىۋاسىتە چىڭ ئوردىسى ۋالىيلار مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئالاھىدە رايون قىلىپ، بېيجىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە قارىغان. مىنگونىڭ 8 - يىلى (1919 - يىلى) شىنجاڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئاشەن دوتەي مەھكمىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 22 - يىلى (1933 - يىلى) ئاشەن مەمۇرىي رايونى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ 34 - يىلى (1945 - يىلى) ئالتاي مەمۇرىي مەھكىمسى قۇرۇلغان. مىنگونىڭ 35 - يىلى (1946 - يىلى) ئاشەن مەمۇرىي رايونى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. جۇڭخۇدا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاشەن ۋالىي مەھكىمىسى، ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئالتاي ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان.
نۇپوس ئىستاتىستىكا
[تەھرىرلەش]ئىقتىساد
[تەھرىرلەش]توشۇش
[تەھرىرلەش]قارالسۇن
[تەھرىرلەش]سىرتقى ئۇلاش
[تەھرىرلەش]
مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]- ↑ 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.