شايار ناھىيىسى
شايار ناھىيىسى
沙雅县.Shayar County | |
شايار ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ناھىيە |
ۋىلايەت | ئاقسۇ ۋىلايىتى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
بازارلىق سانى | 7 دانە |
يېزا سانى | 4 دانە |
نوپۇس (2015-يىل) | 274,382 [1] |
يەر مەيدانى | 31,887.28 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى) |
تېلېفون رايون نومۇرى | 997 (0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新N |
شايار ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Shayar Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. شايار ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى، چەرچەن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى كېرىيە ناھىيىسى، نىيە ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن، شىمال تەرىپى توقسۇ ناھىيىسى، كۇچار ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 180 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 220 كىلومېتىر. ناھىيە تەۋەسىدە ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 835 كىلومېتىر.
مەمۇرىي رايون
[تەھرىرلەش]ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيىسى قارمىقىدا 7 دانە بازارلىق بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
نومۇرى | ئىسمى | ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
دا يېزىلىشى |
ئىنگلىزچە ئىسمى | خەنزۇچە ئىسمى | مەھەللە/كەنت سانى | نوپۇسى(مىڭ) | يەر مەيدانى(km2) |
1 | شايار بازىرى | Shayar Baziri | Shayar Town | 沙雅镇 | 12 | 52 | |
2 | قايلور بازىرى | Qaylor Baziri | Qaylor Town | 海楼镇 | 23 | 23.2 | 526 |
3 | يېڭىمەھەللە بازىرى | Yéngimehelle Baziri | Yengimehelle Town | 英买力镇 | 33 | 43 | ? |
4 | قىزىلبايراق بازىرى | Qizilbayraq Baziri | Qizilbayraq Town | 红旗镇 | 21 | 32 | ? |
5 | تويبولدى بازىرى | Toyboldi Baziri | Toyboldi Town | 托依堡勒迪镇 | 26 | 45 | 306 |
6 | گۈلباغ بازىرى | Gülbagh Baziri | Gulbagh Town | 古勒巴格镇 | 21 | 28.8 | ? |
7 | خادادۆڭ بازىرى | Xadadöng Baziri | Xadadong Town | 哈德墩镇 | 5 | ? | ? |
ئىزاھات:
- 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى قايلور يېزىسى قايلور بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.[2]
- 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى گۈلباغ يېزىسى گۈلباغ بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.[3]
- 2011-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن خادادۆڭ بازىرى قۇرۇلغان.[4]
ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيىسى قارمىقىدا 4 دانە يېزا بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
نومۇرى | ئىسمى | ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
دا يېزىلىشى |
ئىنگلىزچە ئىسمى | خەنزۇچە ئىسمى | مەھەللە/كەنت سانى | نوپۇسى(مىڭ) | يەر مەيدانى(km2) |
1 | نۇرباغ يېزىسى | Nurbagh Yézisi | Nurbagh Township | 努尔巴格乡 | 14 | 11 | 407 |
2 | يانتاقشەھەر يېزىسى | Yantaqsheher Yézisi | Yantaqsheher Township | 央塔克协海尔乡 | 12 | ? | ? |
3 | تارىم يېزىسى | Tarim Yézisi | Tarim Township | 塔里木乡 | 7 | 7 | 23,295 |
4 | گەزقۇم يېزىسى | Gezqum Yézisi | Gezqum Township | 盖孜库木乡 | 10 | 8.8 | ? |
ئىزاھات:
يەر تۈزۈلۈشى
[تەھرىرلەش]شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، ئۈگەن دەرياسى تىنمىسى، تارىم دەرياسى ۋادىسى تۈزلەڭلىكى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تۈزلەڭلىك، بوستانلىق 19.5% نى، قۇملۇق 80.5% نى ئىگىلەيدۇ. ئۈگەن دەرياسى ۋە تارىم دەرياسىدىن ئىبارەت چېگرا ھالقىغان ئىككى دەرياسى بار، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى ئالتە مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى بىر مىليارد 120 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن قارالەيلەك، كوكۇلىلىق تۇرنا، قارا تايغان بۇغا، تارىم توشقىنى، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، قىرغاۋۇل قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن لوپنۇر كەندىرى، توغراق (زاپاس مىقدارى 540 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدۇ)، چۈچۈكبۇيا، ئالىقات، توشقان زەدىكى، چىغان قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، تەبىئىي گاز، گىلائۇبېر تۇزى، شۇلتا قاتارلىقلار بار.
يېزا ئىگىلىكى
[تەھرىرلەش]بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 42 مىڭ 600 گېكتار (639 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى 107 مىڭ 300 گېكتار (1 مىليون 610 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 48 مىڭ گېكتار (720 مىڭ مو)، ئورمان بىنا قىلىشقا ۋە چارۋىچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 213 مىڭ 300 گېكتار (3 مىليون 200 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، قولماق قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە كېۋەز ناھايىتى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ناھىيە 1994 - يىلى مەملىكەت بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان كۈچلۈك 100 ناھىيە ئىچىدە 10 - قاتارغا ئۆتتى. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك، ئات قاتارلىقلار بار. ھەسەل ھەرىسى بېقىش ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۆستۈرۈش ۋە سۇ ئۆسۈملۈكلىرى باقمىچىلىقىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن توقۇمىچىلىق، قەغەز ياساش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماي خىمىيە سانائىتى، ماشىنا رېمونتچىلىقى، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. شايار ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 210 - ۋە 211 - لىنىيىسى دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيىسى بىلەن ناھىيە تەۋەسىدە تۇتىشىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. ئوپتىكلىق كابىل ئارقىلىق خەۋەرلىشىش رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 3000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاقلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى.
ئىقلىمى
[تەھرىرلەش]شايار ناھىيىسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 10.8℃ ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -28.7℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 87.1 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3036.3 سائەت 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4109.6℃. قىروسىز مەزگىلى 216 كۈن. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 42.8 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2006.7 مىللىمېتىر.
ئىقتىسادى
[تەھرىرلەش]ساياھەتچىلىكى
[تەھرىرلەش]مائارىپى
[تەھرىرلەش]مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]- ↑ "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-05-02.
- ↑ "ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقنامىسى(قايلور بازىرى)". Archived from the original on 2017-09-21. Retrieved 2018-05-06.
- ↑ "ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقنامىسى(گۈلباغ بازىرى)". Archived from the original on 2017-09-21. Retrieved 2018-05-06.
- ↑ ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقنامىسى(خادادۆڭ بازىرى)
سىرتقى ئۇلانمىلار
[تەھرىرلەش]