كوكتوقاي ناھىيىسى

ئورنى Wikipedia
كوكتوقاي ناھىيىسى

كوكتوقاي ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئالتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. كوكتوقاينىڭ يەر مايدانى 32،237 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 1999-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 82،098.

تارىخ[تەھرىر]

كۆكتوقاي ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھونلارنىڭ زېمىنى بولغان. سۈي ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي تۈركلەرگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل خانلىرىنىڭ سۈيۈرغاللىق يېرى بولغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا قوبدۇ مەسلىھەتچى ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 32 - يىلى (1906 - يىلى) مەركەزنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 26 - يىلى (1937 - يىلى)بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كۆكتوقاي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىدارىسىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 03 - يىلى (1941 - يىلى) ناھىيە تەسىس قىلىنغان. كېيىن نامى ئۆزگەرتىلىپ كۆكتوقاي دېيىلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە قارىغان.

جۇغراپىيە[تەھرىر]

كۆكتوقاي ناھىيىسى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى چىڭگىل ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى جىمىسار ناھىيىسى، چىتەي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالىي تەرىپى مۇڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى 212 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 881 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 413 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 32 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر. كۆكتوقاي ناھىيىسىگە 2 بازار، 6 يېزا، 73 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 804 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى نوپۇسى 80 مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 67.45% نى، خەنزۇلار 31.31% نى، باشقا مىللەتلەر 1.24% نى تەشكىل قىلىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى تۆت پەلەمپەيسىمان ھالەتتە بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا قىيپاش كەتكەن تاغلىق، ئويمانلىق، دەريا ۋادىسى چۆللۈك،قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايون 24.3% نى، تۈزلەڭلىك 34.4% نى، قۇملۇق 12.5% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئېرىتىش دەرياسى، ئۇلۇڭگۈر دەرياسى ناھىيە تەۋەسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 2 مىليارد 590 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 436 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانلاردىن يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، ياۋا ئېشەك، ئاق بۇرغۇن بۆكەن، قارقار قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن قار لەيلىسى، چۈچۈكبۇيا، قانتېپەر، ئاۋېپىي، قۇرۇتئوت، پىيازگۈل قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلىرىدىن بېرىللىي، لىتىي، تانتال، نىئوبىي، مىس، نىكېل، تۆمۈر، ئالتۇن، كۆمۈر، چىرىمتال، كۆك ياقۇت، مەرۋايىت تېشى، مەرمەر تاش قاتارلىقلار بار. كۆكتوقاي ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 1.8℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 38.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 51.5℃. يىلىدا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 89.6 كۈن - 20℃ سوغۇق بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2864.5 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2619.8℃. قىروسىز مەزگىلى 110 كۈن. ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 158.6 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1692.5 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 13 مىڭ 6000 گېكتار (204 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر. 131 مىڭ 100 گېكتار (1 مىليون 965 مىڭ 800 مو) ئورمانلىق. 4 مىليون 817 مىڭ 800 گېكتار (72 مىليون 266 مىڭ 500 مو) ئوتلاق بار. چارۋىچىلىقتا يايلاقتا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىلاردىن قوي، كالا، ئات، تۆگە قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، پۇرچاق، مايلىقدان قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن سېمونت، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، خۇرمچىلىق، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. كۆكتوقاي ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 216 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ، ئۆپتىكىلىق خەۋەرلىشىش، پروگراممىلىق تېلېفون قاتارلىق ئىلغار خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى.

مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

ئىقتىساد[تەھرىر]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىر]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىر]

تەربىيە[تەھرىر]

ساياھەتچىلىك[تەھرىر]

بۇ ناھىيىنىڭ داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرى بىر قەدەر كۆپ، جەنۇبتىكى قارا مەھەللە تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئاساس گەۋدە قىلىنىدۇ. ئۇ يەردە ئەرتىۋارلىق قۇش، ھايۋانات ۋە قەدىمكى گۈيخۇا دەرىخى بار. بۇ جاي رەڭگارەڭ تۈس ئالغان . دالالىرىدا سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلار بار؛ شىمال تەرىپىدە ئالتاي تېغى يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانى ئاساس گەۋدە قىلىنىپ، مۇز چوققىلىرى، قارلىق تاغلار، ئېگىز تاغلار، كۆللەر، تەبىئىي ئورمانلىقلار، ئارشاڭ تېغى ئارشىڭى، قىياتاش رەسىملىرى، تاش ئويمىلىرى قاتارلىق ئىننوگرافىك ۋە تەبىئىي مەنزىرىلەر ئۆزئارا بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، كىشىنى مەھلىيا قىلىدۇ.

مائارىپ[تەھرىر]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى